(维吾尔文)新疆2015年普通高考出台七项改革新举措

发布者:系统管理员发布时间:2015-03-10浏览次数:338

ئاپتونوم رايونىمىز 2015-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە يەتتە تۈرلۈك يېڭى ئىسلاھات تەدبىرىنى يولغا قويىدۇ
«گوۋۇيۈەننىڭ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ ئادىللىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمتىھاننى قانون ئارقىلىق باشقۇرۇش، قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە قاتتىق بولۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرىلىتىپ، ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىنىڭ 2015-يىللىق بىرىنچى قىتىملىق يىغىنىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە يەتتە تۈرلۈك يېڭى ئىسلاھات تەدبىرىنى يولغا قويۇشنى بەلگىلىدى.
يېڭى تەدبىر ئارزۇ تولدۇرۇش شەكلىنى تەڭشەش، باسقۇچ بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇش (ئۆزگەرتىش)، پاراللېل ئارزۇ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە تۈركۈملەرگە تەسىس قىلىنغان ئارزۇنى تەڭشەش، نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىغا تەسىس قىلىنغان ئارزۇنى تەڭشەش، مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ ماتېماتىكا نومۇر چېكى سىياسىتىنى تەڭشەش، قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتىنى تەڭشەش، نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بىرىنچى تەدبىر: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرىدۇ ۋە باسقۇچلارغا بۆلۈپ ئارزۇ تولدۇرۇش (ئۆزگەرتىش) ئېلىپ بېرىلىدۇ
ئاپتونوم رايونىمىز 2015-يىلىدىن باشلاپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان نەتىجىسى (ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى)، ئورنى (ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ پۇتۈن شىنجاڭدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىچىدىكى رەت ئورنى)، نومۇر چېكى (ھەر قايسى تىل تۈرى، ھەر قايسى تۈركۈملەرنىڭ نومۇر چېكى) نى بىلگەندىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.
باسقۇچ بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇش (ئۆزگەرتىش) ئېلىپ بېرىلىدۇ، يەنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تولۇق كۇرس 0-تۈركۈمدىن ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) 2-تۈركۈمگىچە بارلىق ئارزۇلىرىنى تولدۇرالايدۇ. قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە تولۇق كۇرس 3-تۈركۈمدىن باشلاپ ئالدىنقى تۈركۈمنىڭ تولمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا كېيىنكى تۈركۈمگە ئارزۇ تولدۇرىدۇ (ئۆزگەرتىدۇ)، بۇ ئارقىلىق ئارزۇنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قانائەتلىنىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتەرگىلى، ئارزۇ تولدۇرۇش خېيىم-خەتىرىنى ئازايتىپ، قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى تەدبىر: تولۇق كۇرس 3-تۈركۈمدە ئومۇميۈزلۈك پاراللېل ئارزۇ يولغا قويۇلىدۇ
2015- يىلىدىن باشلاپ، تولۇق كۇرس 3-تۈركۈمدە ئومۇميۈزلۈك پاراللېل ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىش ئېلىپ بېرىلىدۇ يەنى بىرلا ئارزۇ گۇرۇپپىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا 6 پاراللېل ئارزۇ تەسىس قىلىنغان، ھەر بىر ئارزۇغا 6 كەسىپنى تاللاپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ.
ئۈچىنچى تەدبىر: تولۇق كۇرس 1-، 2-تۈركۈملەرنىڭ ئارزۇسى تەڭشەلدى
ئاپتونوم رايونىمىز 2015-يىلىدىن باشلاپ، تولۇق كۇرس 1-، 2-تۈركۈملەرنىڭ ئارزۇسىنى تەڭشەيدۇ. تولۇق كۇرس 1- تۈركۈمدە بىرلا ئارزۇ گۇرۇپپىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا 7 پاراللېل ئارزۇ تەسىس قىلىنغان، ھەر بىر ئارزۇغا 6 كەسىپنى تاللاپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ. تولۇق كۇرس 2- تۈركۈمدە بىرلا ئارزۇ گۇرۇپپىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا 7 پاراللېل ئارزۇ تەسىس قىلىنغان، ھەر بىر ئارزۇغا 6 كەسىپنى تاللاپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ.
تۆتىنچى تەدبىر: نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىغا تەسىس قىلىنغان ئارزۇ تەڭشەلدى
مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىدىن ئىبارەت خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات رايونلار ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈپ، نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىجرا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىغا تەسىس قىلىنغان ئارزۇغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ باردى.
خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەرنى قوبۇل قىلىدىغان تولۇق كۇرس نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىغا ئالاقىدار مەكتەپلەرنىڭ ئادەتتىكى تولۇق كۇرس پىلانى ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈركۈمدىن ئاۋال ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىنىدۇ، يەنى تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىغا تولۇق كۇرس 0-تۈركۈمدىن كېيىن، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمدىن ئاۋال ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىنىدۇ. تولۇق كۇرس 2-تۈركۈم نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىغا تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمدىن كېيىن، تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمدىن ئاۋال ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىنىدۇ؛ مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەر، خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلار، قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان تولۇق كۇرس نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىغا شۇ مەكتەپلەرنىڭ ئادەتتىكى تولۇق كۇرس پىلانى ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈركۈمدىن كېيىن ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىنىدۇ. تولۇق كۇرس 1-، 2-تۈركۈم نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىنىڭ ھەر قايسىسىغا 2 ئارزۇ تەسىس قىلىنىدۇ، ھەربىر ئارزۇغا 6 كەسىپنى تاللاپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ.
بەشىنچى تەدبىر: مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ ماتېماتىكا نومۇر چېكى سىياسىتى تەڭشەلدى
2015- يىلىدىن باشلاپ، مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەرنى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمىگە ماتېماتىكا نومۇر چېكى بېكىتىلمەيدۇ. ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى مەكتىپىنىڭ كەسپىي تەربىيەلەش نىشانىغا ئاساسەن، ماتېماتىكا يەككە پەن نەتىجىسىگە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.
ئالتىنچى تەدبىر: قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى تەڭشەلدى
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئىخچاملاش، ئىمتىھاننى تەشكىللەش-باشقۇرۇش ۋە كىيىنكى خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز 2015-يىلىدىن باشلاپ قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى (ئاپتونوم رايونىمىز ئۆزى سوئال چىقىرىدۇ، نەتىجىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىگە قوشۇلماي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىشتا پايدىلىنىشىغا تەمىنلەپ بېرىلىدۇ) نىڭ ۋاقتىنى ئەسلىدىكى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 17:00~15:00 دىن 6-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11:00~9:00 گە تەڭشىدى.
يەتتىنچى تەدبىر: نومۇر قوشۇش سىياسىتى تەرتىپكە سېلىنىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ
«گوۋۇيۈەننىڭ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى» ۋە «مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ج خ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەنتەرنىيە باش ئىدارىسى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى نومۇر قوشۇش تۈرلىرى ۋە قوشۇپ بېرىلىدىغان نومۇرلارنى يەنىمۇ ئازايتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» نىڭ روھىغا ئاساسەن، توغرا بولغان ئادەم تەربىيەلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادىل، باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاكتىپ، ئىشەنچىلىك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېتەكچى پرىنسىپنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نومۇر قوشۇش سىياسىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرتىپكە سېلىنىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرىلىدۇ.
بىرىنچى: مەملىكەت خاراكتېرلىق رىغبەتلەندۈرۈش تۈرىدىكى نومۇر قوشۇش تۈرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، تۆۋەندىكى مەملىكەت خاراكتېرلىق رىغبەتلەندۈرۈش تۈرىدىكى نومۇر قوشۇش تۈرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئەمما، نۆۋەتتە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن 2015- يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئىلگىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدە تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك تۈرلەردە مۇكاپاتلانغانلارغا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئاساسىدا 5 نومۇر قوشۇپ ئارخىپى چىقىرىلىدۇ:
1. مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، ئۇچۇر ئىلمى) ئولېمپىك مۇسابىقىسى مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر؛
2. مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى (مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر بىئولوگىيە ۋە مۇھىت ئىلمى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ)، «ئەتىكى كىچىك ئالىم» مۇكاپاتلىق پائالىيىتى ياكى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كومپيۇتېردا لايىھەلەش پائالىيىتىدە 1-، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر؛
3. خەلقئارا ئىلىم-پەن ۋە قۇرۇلۇش مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى ياكى خەلقئارا مۇھىت تەتقىقات تۈرى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا مۇكاپاتلانغانلار؛
4. چوڭ خەلقئارا تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىغا قاتنىشىپ كوللېكتىپ ياكى يەككە تۈردە ئالدىنقى ئالتىنىڭ ئىچىگە كىرگەنلەر، مەملىكەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىغا قاتنىشىپ يەككە تۈردە ئالدىنقى ئالتىنىڭ ئىچىگە كىرگەنلەر.
ئىككىنچى: مەملىكەت خاراكتېرلىق يۆلەش تۈرىدىكى بەزى نومۇر قوشۇش تۈرلىرى ساقلاپ قېلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا چېتىشلىق، سىياسەت ۋە سىياسىي خاراكتېرى كۈچلۈك بەش تۈرلۈك مەملىكەت خاراكتېرلىق يۆلەش تۈرىدىكى نومۇر قوشۇش تۈرلىرى داۋاملىق ساقلاپ قېلىنىدۇ.
1. ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، جۇڭگولۇق مۇھاجىرلارنىڭ پەرزەنتلىرى، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار پەرزەنتلىرى ۋە تەيۋەنلىك ئوقۇغۇچىلار (ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇھاجىرلار خىزمىتى ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ئىسىملىك ئاساس قىلىنىدۇ) غا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئاساسىدا 10 نومۇر قوشۇپ ئارخىپى چىقىرىلىدۇ؛
2. ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرى (ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ئىسىملىك ئاساس قىلىنىدۇ) گە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئاساسىدا 20 نومۇر قوشۇپ ئارخىپى چىقىرىلىدۇ؛
3. ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىشلەۋاتقان ھەربىيلەرگە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئومۇمىي نەتىجىسى ئاساسىدا 10 نومۇر قوشۇپ ئارخىپى چىقىرىلىدۇ؛ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش مەزگىلىدە 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۆھپە كۆرسەتكەن (2-دەرىجىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەربىيلەر ياكى چوڭ ھەربىي رايوندىن يۇقىرى (چوڭ ھەربىي رايوننىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) ئورۇنلاردىن شەرەپ نامى بېرىلىپ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئومۇمىي نەتىجىسى ئاساسىدا 20 نومۇر قوشۇپ ئارخىپى چىقىرىلىدۇ؛
4. خۇيزۇ ئوقۇغۇچىلار (ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ئىسىملىك ئاساس قىلىنىدۇ) غا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئاساسىدا 10 نومۇر قوشۇپ ئارخىپى چىقىرىلىدۇ؛
5. خەنزۇ تىل-يېزىقىدىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، خەنزۇ تىل-يېزىقىدىكىلەرنىڭ ياكى خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلارنىڭ پىلانىدىكى مەكتەپلەرگە تىزىملاتقان ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل،قىرغىز، تاجىك، شىبە، ئۆزبېك، تاتار، داغۇر، زاڭزۇ، رۇس قاتارلىق 11 مىللەتتىن بولغان ئوقۇغۇچىلار (تۆۋەندە «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي» لار دەپ ئاتىلىدۇ) نى قوبۇل قىلىشتا ئوخشىمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن، ئايرىم-ئايرىم ئېتىبار بېرىلىدۇ: ئاتا-ئانىسىدىن ھەر ئىككىسى يۇقىرىقى مىللەتلەردىن بولسا 50 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ؛ ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرى يۇقىرىقى مىللەتلەردىن بولسا 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ.
مىللىي تىل-يېزىقتىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتناشقان ھەمدە مىللىي تىل-يېزىقتىكىلەر پىلانىدىكى مەكتەپلەرگە تىزىملاتقان خەنزۇ ياكى باشقا مىللەتلەر («خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي» لار قاتارىدا ئېتىبار بېرىلىدىغان 11 مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) دىن بولغان ئوقۇغۇچىلار (تۆۋەندە «مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەن خەنزۇ» لار دەپ ئاتىلىدۇ) «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي» ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئېتىباردىن بەھرىمان بولىدۇ.
2015- يىلدىن باشلاپ ئىجتىمائىي پەن ئۇنىۋېرسال پەنلىرىدە، مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەن قوش تىل ئىجتىمائىي پەن سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى (1-خىل ئەندىزە) پەقەت مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەرنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرگىلا ئارزۇ تولدۇرالايدۇ؛ باشقا قوش تىل سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئارزۇسىغا قوش تىل سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرنىلا تولدۇرسا بولىدۇ، «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر»، «مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەر» ۋە «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي» لارنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرنى تولدۇرسا بولمايدۇ. قوش تىل سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرغان قوش تىل سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشتا ئوخشىمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن، ئايرىم-ئايرىم ئېتىبار بېرىلىدۇ: ئاتا-ئانىسىدىن ھەر ئىككىسى يۇقىرىقى 11 مىللەتتىن بولسا 50 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ؛ ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرى يۇقىرىقى 11 مىللەتتىن بولسا 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك تىل تۈرىدىكى مەكتەپلەرگە ئاز سانلىق مىللەت سالاھىيىتى بىلەن تىزىملاتقانلار بەھرىمان بولىدىغان ئالاھىدە ئېتىبار سىياسىتىدىن باشقا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قـوشـۇپ بـېرىلىدىغان ئېتىبار نومۇر يىغىندىسى 20 نومۇردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
ئۈچىنچى: يەرلىك سىياسەت خاراكتېرلىق نومۇر قوشۇش تۈرلىرى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.
1. «يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلار شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ياكى «پىلانلىق پەرزەنتلىك بولغان ئاتا-ئانىلار شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئالغان دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرى (ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن تىزىملىك ئاساس قىلىنىدۇ) نىڭ تولدۇرغان ئارزۇسى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولسا، بىر تۇتاش ئىمتىھان ئومۇمىي نەتىجىسى ئاساسىدا 10 نومۇر قوشۇپ ئارخىپى چىقىرىلىدۇ، قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى مەكتەپ تەكشۈرۈپ قارار قىلىدۇ: (1) تولۇق كۇرس 0-تۈركۈم ۋە مەخسۇس كۇرس 0-تۈركۈمدە ئارزۇسىغا رايونىمىزدىكى مەكتەپلەرنى تولدۇرغانلار؛ (2) تولۇق كۇرس 0-تۈركۈم ۋە مەخسۇس كۇرس 0-تۈركۈمدىن باشقا تۈركۈملەردە بىرىنچى ئارزۇ (گۇرۇپپا) سىغا رايونىمىزدىكى مەكتەپلەرنى تولدۇرغانلار؛ (3) ئاپتونوم رايوننىڭ ئايرىم تەشكىللىگەن «ئۈچ خىل مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر» نى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنشىپ، ئارزۇسىغا رايونىمىزدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەسپىي مائارىپ كەسىپلىرىنى تولدۇرغانلار. ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى مەكتەپلەرگە ئارخىپ چىقىرىشتا بۇ نومۇر قوشۇپ بېرىلمەيدۇ.
2. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى قاتارلىق 10 نازارەت-ئىدارە بىرلىكتە تارقاتقان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ساقچىلىرىغا نەپەقە بېرىش-غەمخورلۇق قىلىش چارىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» ([2014] 144-نومۇرلۇق) دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن: (1) ج خ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 1-، 2- دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى شەرىپىگە ئېرىشكەن خەلق ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان خەلق ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى، 1-دەرىجىدىن 4-دەرىجىگىچە مېيىپ خەلق ساقچىلىرىىنىڭ پەرزەنتلىرى، مېيىپ خەلق ساقچىلىرى بىرىنچى ئارزۇسىغا رايونىمىزدىكى مەكتەپلەرنى تولدۇرسا، بىر تۇتاش ئىمتىھان ئومۇمىي نەتىجىسى ئاساسىدا 10 نومۇر قوشۇپ ئارخىپى چىقىرىلىدۇ، قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى مەكتەپ تەكشۈرۈپ قارار قىلىدۇ؛ (2) 1-دەرىجىلىكتۆھپە كۆرسەتكەن خەلق ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتىنىڭ ج خ تۈرىدىكى كەسىپلىرىگە ئارزۇ تولدۇرسا، بىر تۇتاش ئىمتىھان ئومۇمىي نەتىجىسى ئاساسىدا 10 نومۇر قوشۇپ ئارخىپى چىقىرىلىدۇ، قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى مەكتەپ تەكشۈرۈپ قارار قىلىدۇ.